بانكىمۇن غەززە ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

بانكىمۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پەلەستىن مەسلىسى» تېمىلىق يىغىندىكى سۆزىدە، غەززەدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

166998
 بانكىمۇن غەززە ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بانكىمۇن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
بانكىمۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پەلەستىن مەسلىسى» تېمىلىق يىغىندىكى سۆزىدە، غەززەدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بانكىمۇن «غەززەدە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئۈچۈن 414 مىليون دوللارغا ۋە غەززەنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن 1 مىليارد 200 مىليون دوللارغا ھەمدە قۇرۇلۇشلارنى قايتىدىن يېڭىلاپ چىقىش ئۈچۈن 2 مىليارد 400 مىليون دوللارغا ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.
بانكىمۇن غەززەدە 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي – ماكانسىز قالغانلىقىنى، 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ مەكتەپلىرىدە پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، غەززە نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئېلېكتىر بىلەن سۇدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ يەنە قىش پەسلىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ، «غەززەدە قانچە كېلومېتىرغىچە سوزۇلغان ئومۇمىي يۈزلۈك خانى ۋەيرانچىلىقنى كۆردۈم. پۇقرالار پاناھلانغان ۋە ھۇجۇم جەريانىدا بومباردىمان قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىنىمۇ زىيارەت قىلدىم» دېدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە ئولتۇراق جايلارغا قىلغان ھۇجۇملىرى ۋە بۇ ھۇجۇملاردا نۇرغۇنلىغان پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئېلىپ بارماقچى بولغان چوڭقۇر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىلىرىنى سەبىرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە «غەززەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە ئولتۇراق جايلارغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا نۇغۇن ساندا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە بۇ ئولتۇراق جايلاردىن قورال تېپىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنى ئىنچىكە تەشكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل كومىتېت قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر