ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك شەھرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك شەھرىدە كۈچلۈك پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى.

165638
ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك شەھرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان رۇس تەرەپدارلىرىنىڭ قولىدىكى دونېتسك شەھرىدە كەڭ كۆلەملىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. پارتلاش شەھەردە قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلدى.
بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسى شەھەرگە تەخمىنەن 6 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر خىمىيە زاۋۇتىدا مەيدانغا كەلدى. پارتلاشتا بەزى ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى.
رۇس تەرەپدارلىرى پارتلاشقا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر روكېت بومبىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتقان كىيىۋ ھاكىمىيىتى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان خىمىيىۋى بومبىلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى پارتلاش رايوندا تەرەپلەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە زىيان بەردى.
رۇس تەرەپدارلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنىڭ پەقەت ئۇكرائىنا تەرىپىدىنلا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر