ئېبولا غەربىي ئافرىقىنى ۋەيران بولۇش بوسۇغۇسىغا ئەكىلىپ قويدى
سىئېررا لېئونىدە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئېتىزلاردىن مەھسۇلات ئېلىنمىدى، يېزىلار قۇرۇقدىلىپ قالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى كارانتىن ئاستىدا ياشاۋاتقان لىبېرىيە خەلقئارالىق جەمئىيەتنى ياردەمگە چاقىردى. ئېبولا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 5 مىڭغا يەتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نۇرغۇنلىغان ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھەقىقىي ساننىڭ تەخمىنەن 12 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مىڭلارچە ئادەم كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. لىبېرىيەدىكى كارانتىن ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلاردا يېمەك – ئىچمەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، خەۋپسىزلىك قىسىملىرى قىستاڭچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پات – پات ئوق چىقارماقتا. پايتەخت مونروۋىيەدىكى كارانتىن قىلىنغان مەھەللىدە چاي ئېلىۋاتقان بىر كىچىك بالا ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. كارانتىن قىلىنغان رايونلار توسۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئاچ قالغان كىشىلەر يېمەك – ئىچمەك تېپىش ئۈمىدى بىلەن بۇ رايونلارنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ.