ماراكەش بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

ماراكەش بىلەن ئالجىرىيە بىر-بىرلىرىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

163663
ماراكەش بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق ماراكەش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرتىلدى.
ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئالجىرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ماراكەشلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئالجىرىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ ماراكەشلىك پۇقرالارغا ئوق چىقىرىشى ھەققىدە ئەيىبلەشلەردىن بىئارام بولغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن چاقىرىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد سەنۇسى بىرىكسىنىڭ ماراكەش ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان قاراشلارنى قەتئىي رەت قىلغانلىقى ۋە ئالجىرىيەنىڭ بولسا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىنىۋاتقان ئەيىبلەشلەردىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، ئالجىرىيەنىڭ بۇنداق ئەيىبلەشلەر ۋە كۈشكۈرتىشلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقلىرىنى ۋە خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرنى كۈچەيتىدىغان ھەر قانداق بىر ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ماراكەش ھۆكۈمىتى ئالجىرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا پۇقرالارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى، ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى بولسا ماراكەشلىك بىر تۈركۈم ئەتكەسچىنىڭ تاش ئېتىشىغا قارىتا ئەسكەرلەرنىڭ پەقەت ھاۋاغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر