ئىيوردانىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا مۇسۇلمانلارغا مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلماسلىق چەكلىمىسى قويغان ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

161610
ئىيوردانىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا مۇسۇلمانلارغا مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلماسلىق چەكلىمىسى قويغان ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ھۈسەينىيە جامەسىدە ئالدىدا توپلانغان نامايىشچىلار، «مەسجىدى ئەقسانى بەرمەيمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈۋېلىشقانىدى.
نامايىشچىلار ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.
نامايىشچىلار، تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەتتىن پۇل پاخاللىقىنى دەرھال ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، شوئار توۋلاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر