خىتاينىڭ قاتناش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق قاتناش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى پارا يېيىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

161186
خىتاينىڭ قاتناش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق قاتناش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ شۇگۇاڭ 2000 – يىلدىن 2011 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 47 مىليون 555 مىڭ يۈەن پارا يېيىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش جازاسى بېرىلدى.
جاڭ شۇگۇاڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىنىڭ ئىنژېنېرى بولۇش سۈپىتىدە، رىمدا تۇرۇشلۇق تۆمۈر يولغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى تېخنىكىلارنى سېتىۋېلىش ۋە خىتاي تەرەپنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى سۆزلىشىش ۋەكىلى بولغان. جاڭ شۇگۇاڭدىن بۇرۇن سابىق تۆمۈر يول مىنىستىرى ليۇ جىجۈن ئىيۇل ئېيىدا «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
چەت ئەل كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، سابىق تۆمۈر يول مىنىستىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش جازاسى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «ئۆلۈم جازاسى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جازا كۆپىنچە ئىككى يىلدىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگىرىدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى باشلىۋەتتى. شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم چىرىكلىكنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيىتىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
خىتايدا بۇندىن 3 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن تېز پويىز ۋەقەسىدە 40 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىدە خىيانەتچىلىك ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر