خوڭكوڭدا نامايىشچىلار «موڭكوك» قا قايتماقچى بولدى

خوڭكوڭ ساقچىلىرى نامايىشلارنىڭ مەركىزىي بولغان «موڭكوك» قا كىرمەكچى بولغان نامايىشچىلارنى رېزىنكە كالتەك بىلەن تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

161048
خوڭكوڭدا نامايىشچىلار «موڭكوك» قا قايتماقچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 كۈندىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خوڭكوڭدا، نامايىشلارنىڭ مەركىزىي ھېسابلىنىدىغان «موڭكوك» قا بارماقچى بولغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.
خوڭكوڭ ساقچىلىرى موڭكوكقا بارماقچى بولغان نامايىشچىلارغا قىزىل بايراق كۆرسىتىپ توسقۇنلۇق قىلدى ۋە ئۇلارنى توسۇش ئۈچۈن رېزىنكە كالتەك قوللاندى. ساقچىلار يېرىم سائەت ئىچىدە موڭكوكتىكى نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئورنىتىلغان توسۇقلارنى ئېلىۋېتىپ، مەيدانلارنى تازىلىۋەتكەن ئىدى. نامايىشچىلار موڭكوكتىكى ئاساسلىق يول ۋە كوچىلارنى ئۈچ ھەپتىدىن بېرى قاتناشقا توسۇۋەتكەن بولۇپ، ساقچىلار توسۇقلارنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.
خوڭكوڭ خەلقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ رەھبىرىنى سايلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلماقتا. خىتاي دائىرلىرى ئاۋغۇستتا 2017-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋالىي سايلىمىدا، ئۆزلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن نامزاتلارنىڭلا سايلامغا قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
1842- يىلدىن 1997- يىلغىچە ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇرغان خوڭكوڭ، دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم پۇل - مۇئامىلە مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر