خوڭكوڭدا بىر نامايىشچىنىڭ  تاياق يېيىشى نامايىشلارنى كۈچەيتىۋەتتى

خوڭكوڭدا بىر نامايىشچىنىڭ قاتتىق تاياق يېيىشى نامايىشلارنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋەتتى

159312
خوڭكوڭدا بىر نامايىشچىنىڭ  تاياق يېيىشى نامايىشلارنى كۈچەيتىۋەتتى

خوڭكوڭدا ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلار تەرىپىدىن قاتناشقا توسۇۋەتكەن ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن يولنى قاتناشقا ئېچىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋەنزەي كۆڭۈل ئېچىش رايونىغا يېقىن جايدىكى ساقچى ئىدارىسى ئالدىدا مىڭلارچە نامايىشچى يىغىلىپ، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى، شۇنداقلا ئونلارچە نامايىشچى ساقچىلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى.
ساقچى دائىرلىرى خەلق پارتىيەسى ئەزاسىنى ئۇرغان ساقچىنىڭ ئىشتىن توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچى تەرىپىدىن ئۇرۇلغان نامايىشچىنىڭ كۆرۈنۈشى تور بېتىدە تېز سۈرئەتتە تارقالدى، بۇ رەسىم نامايىشنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.
خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى RTHK نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ئەسناسىدا بىر نامايىشچى ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن جايدا يېنىغا بەزى بۇيۇملارنى ئېلىۋالغان، بىر ساقچى بۇ نامايىشچىنى ئۇرۇۋاتقاندا، بىر فوتو-سۈرەتچى بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان.
پەيشەنبە چۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن نامايىشچى خوڭكوڭنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزدى، ساقچىلارمۇ بۇ جايلاردا ۋەزىپە ئۆتىدى. ئىگىلىنىشچە، نامايىشچىلار بۇ رايونلاردا ئۇخلىغان ۋە ھېچقانداق جىددىي ھادىسىلەر مەيدانغا كەلمىگەن.
19 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كېچىدە ۋەزىيەت بىر ئاز كەسكىنلەشتى، بىز ھۆكۈمەت بىلەن دىئالوگ ئورنىتىشنى خالايمىز، ھەمدە تەلىپىمىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
نامايىشلار يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، 100مىڭدەك ئادەم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن، كېيىنچە نامايىشنىڭ كۆلىمى تارايغان ئىدى. ئەمما، ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان نامايىشچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلدى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارنىڭ قانۇنسىز پائالىيەت قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
نامايىشچىلارنىڭ قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي دائىرىلىرىمۇ، 2017-يىلى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ باشلىقلىق سايلىمىدا، ئۆزلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن نامزاتلارنىڭلا سايلامغا قاتنىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر