خوڭكوڭ ۋالىيسى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى
خوڭكوڭ ۋالىيسى لىياڭ جىنيىڭ كېلەر ھەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ۋالىيسى لىياڭ جىنيىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشىگە، بىر ئالىي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋالىي نامزاتلىرىنى خەلقنىڭ سايلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋالدا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۈگۈن (16 – ئۆكتەبىر) ئەتىگەن نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن بولۇپ، دائىرىلەر پۇقراچە كىيىنىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى ئۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشنى باشلۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خوڭكوڭ خەلقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان بېيجىڭدىن ئۆزىنىڭ رەھبىرىنى ئۆزى سايلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋغۇست ئېيىدا 2017 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ رەھبىرىنى سايلىيالايدىغانلىقىنى، بىراق نامزاتلارنى بېيجىڭنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خوڭكوڭ 1842 – يىلىدىن 1997 – يىلىغىچە ئەنگلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرغان خەلقئارانىڭ ئەڭ مۇھىم پۇل - مۇئامىلە مەركەزلىرىدىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.