ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نامى ئېنىق بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىرقتا ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە «تەبىئىي كەسكىن قارار» دەپ نام بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

158855
ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نامى ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نامى ئېنىق بولدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىرقتا ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە «تەبىئىي كەسكىن قارار» دەپ نام بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئىشتاب تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ نامى، ئى ش ئى د كە قارشى 8 – ئاۋغۇست كۈنى ئىراقتا باشلانغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە» دېيىلدى.
ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ نامىنىڭ، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى دوستلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش تەلىپى ۋە پېداكارلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇشتىن سىرت يەنە، ئى ش ئى د نىڭ كۈچىنى خورىتىش، ئاخىرىدا ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك، تەشۋىقات، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن پۈتكۈل ئىمنكانيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر