ئەنگىلىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى

ئەنگىلىيە پارلامېنتى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى قوبۇل قىلدى.

155844
ئەنگىلىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى.
ئەنگىلىيە پارلامېنتى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى قوبۇل قىلدى.
ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەنكى قانىتى ھېسابلىنىدىغان ئاۋام پالاتاسى، تۈنۈگۈن ئۇدا 4 سائەت پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى تارتىشتى.
ئارقىدىن پارلامېنت ئەزالىرى ئۆكتىچى ئىشچى پارتىيەسىنىڭ پەلەستىن دوستلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گىرېيھېيم مورىس تەرىپىدىن ھازىرلغانغان قارارنامىنى قوبۇل قىلدى.
پارلامېنتتىكى بېلەت تاشلاشتا 274 پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ، 12 پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن بىلەن مىنىستىرلار بولسا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋازكەچتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ قوبۇل قىلىنغان قارارنامىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى يوق ئىكەن، بىراق قارارنىڭ خەلقئارالىق تەسىرى ناھايىتى زور ئىكەن.
شىۋېتسىيەمۇ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارى ئالغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ سىرتىدا دۇنيادا 130 دىن ئارتۇق دۆلەت پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر