مىسىردا ئوقۇغۇچىلار كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى

مىسىردا ئوقۇغۇچىلار ھەربىي سىياسى ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

153987
مىسىردا ئوقۇغۇچىلار كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەۋسۇمىدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار شەھەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.
غەربىيەدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار موتسىكلىت مىنىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشتى. غەربىيەنىڭ نۇرغۇن ناھىيەسىدىمۇ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ئەل ئەشىر مىن رامىزان ناھىيىسىدىكى ئالىي پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىنسان زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ ساقچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئىسكەندەرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نامايىشلاردا ئوقۇغۇچىلار رابىئە ئىشارىتى قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ساقچىلارغا قارشى شوئار توۋلاشتى، مىسىردا يېڭى ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلىدىن ئىلگىرى، دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يېڭى نىزام ۋە تەرتىپلەر يولغا قويۇلغان ئىدى. مىسىر ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەردە يېڭى ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالغاندا «ئالىي مەكتەپ زوراۋانلىقى»دەپ ئاتالغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قارشى مىسىر مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك تەدبىرلەر ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. باش مىنىستىر ئىبراھىم مىھلىب ئالىي مەكتەپلەردە مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ قايتىدىن سادىر بولۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر