سۈرىيەدە خەلقنى قوزغىلاڭچىلار قوغدىماقتا

سۈرىيەدە قوزغىلاڭچىلار خەلقنى قوغداش ئۈچۈن پاناجاي ياساشقا باشلىدى.

152977
سۈرىيەدە خەلقنى قوزغىلاڭچىلار قوغدىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە قوزغىلاڭچىلار خەلقنى قوغداش ئۈچۈن پاناجاي ياساشقا باشلىدى.
سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار خەلق ئاممىسىنى ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ بومباردىمانچىلىقىدىن قوغداش ئۈچۈن يەرئاستى پاناجايلارنى ياساشقا باشلىدى.
قوزغىلاڭچىلار يەر ئاستىغا ياسىلىۋاتقان پاناجايلار ئارقىلىق كېچىك بالا، ئايال ۋە ياشانغانلارنى ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ۋارىل بومبا ھۇجۇملىرى ۋە باشقا بوباردىمانلچىلىقلىرىدىن قوغداشنى نىشان قىلماقتا.
بۇنىڭ زورۆل بولغان ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر نەپەر قوزغىلاڭچى، «پۇقرالار ئايروپىلانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان 50 كىشى سىغىدىغان پاناجايلارغا كىرىۋالىدۇ. بىز قوزغىلاڭچىلار بولۇش سۈپىتىمىز خەلقنى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز. ئەسەد ئەسكەرلىرى ئۆزىگە قارشى خەلقىنى يەر ئاستى پاناجايلارنى ياساشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق تاش دەۋرىنى ياراتماقتا» دېدى.
بۇ خىل پاناجايلارنىڭ سۈرىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئومۇملاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر