پاكىستاندا نامايىشتا قىستا – قىستاڭچىلىق يۈز بەردى

مۇلتان شەھىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى نىشان قىلىنغان سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان پەلەستىن ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ئىمران خاننىڭ نامايىشىدا قىستا – قىستاڭچىلىق يۈز بەردى.

153110
 پاكىستاندا نامايىشتا قىستا – قىستاڭچىلىق يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا نامايىشتا قىستا – قىستاڭچىلىق يۈز بەردى.
مۇلتان شەھىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى نىشان قىلىنغان سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان پەلەستىن ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ئىمران خاننىڭ نامايىشىدا قىستا – قىستاڭچىلىق يۈز بەردى.
نامايىش ئاخىرلىشىش ئالدىدا يۈز بەرگەن قىستا – قىستاڭچىلىقتا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 42 كىشى يارىلاندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.
ئىمران خان، كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنىڭ مۇلتان دائىرىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئومۇمىي سايلامدا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقان ئىمران خان رەھبەرلىكىدىكى ئۆكتىچىلەر، باش مىنىستىر ناۋاز شېرىفكە قارشى سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر