پاكىستاندا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا

پاكىستان ئارمىيەسى، ئافغانىستان چېگرىسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 15 مىلىتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ھەيبەر رايونىدا تاڭ سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا مىلىتانلارنىڭ 3 قارارگاھىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

148650
پاكىستاندا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا.
پاكىستان ئارمىيەسى، ئافغانىستان چېگرىسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 15 مىلىتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ھەيبەر رايونىدا تاڭ سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا مىلىتانلارنىڭ 3 قارارگاھىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئافغانىستان چېگرىسىكى شىمالىي ۋەزىرىستان رايونى پاكىستاندىكى تالىباننىڭ بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئافغانىستاندا پات - پات شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان تالىبانغا قارىشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى مۇراجىئەت قىلغانىدى.
پاكىستان ئارمىيەسى ئىيۇن ئېيىدىن تارتىپ ھازىرغىچە رايوندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەردە مىڭدىن ئارتۇق مىلىتان ئۆلتۈرۈلگەن، توقۇنۇشلاردا 86 نەپەر پاكىستان ئەسكىرى ئۆلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر