ئى ش ئى د باغدادقا ئىككى كىلومېتىر يېقىنلاپ كەلدى

ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) تېررورلۇق تەشكىلاتى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بەزى جايلاردا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ۋە باغدادقا ئىككى كىلومېتىر يېقىنلاشقانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

145340
ئى ش ئى د باغدادقا ئىككى كىلومېتىر يېقىنلاپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئى ش ئى د گەرچە بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، بەزى رايونلاردا غەلىبىسىرى ئىلگىرىلىمەكتە. سۈرىيەدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تۈركىيە چېگراسىدىكى ۋەزىيەت جىددىيلىشىشكە باشلىدى. سۈرىيەدە ئى ش ئى د نىڭ كوبانىغا يېقىنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. شەھەرگە 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا كېلىپ قالغان ئى ش ئى د قىسمىنىڭ راكىتامىيوت ھۇجۇمى باشلىغانلىقى، 15 راكىتامىيوت ئوقى ئېتىلغان بۇ ھۇجۇملاردا بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ راكىتامىيوت ئوقلىرىنىڭ بەزىلىرى تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايغا چۈشكەن.
ئى ش ئى د نىڭ قولىغا ئۆتكەن يېزا سانى 67 گە چىقتى. ئى ش ئى د مىلىتانلىرىنىڭ ئىراقتىمۇ باغدادقا كىرىشىگە 2 كىلومېتىردىن ئاز مۇساپە قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. باغداد ئەتراپىدا يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە يۈزلەرچە ئىراق ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. ئىراق مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، دىيالادىكى ئۇرۇشتا 100 ئى ش ئى د ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن، 16 يېزىدا كونتروللۇق ساقلىنىپ قالغان. تىكرىتتىمۇ ئىككى ئى ش ئى د ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىراقتىكى كۈرت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 3 سەپتە ئى ش ئى د غا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئاۋستىرالىيەنىڭ ۋىكتورىيا ئىشتاتىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن 100 ساقچى ھەر قايسى جايلاردا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر ئادەمنى قولغا ئالدى.
باراك ئوبامانىڭ مەخسۇس ياردەمچىسى ۋە ئاقساراينىڭ ئوتتۇرا شەرق كوردىناتورى فىلىپ گوردون: «بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن بولسۇن، ياكى چەت ئەللىك جەڭچىلەر ۋە نېفىت تىجارىتى بولسۇن، ھەممە مەسىلىلەردە ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ئېھتىياجىمىز بار. تۈركىيە بۇ بارلىق مەسىلىلەردە مۇھىم ئىتتىپاقداش ھېسابلىنىدۇ، باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەكلا يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز» دېدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ 1 يېرىم مىليون سۈرىيەلىككە قۇچاق ئاچقانلىقىنى ۋە باشتىن تارتىپلا سۈرىيە مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى جامال ئەبۇ ھۇزەيفە، «مۆتىدىل ئۆكتىچى» دېگەن ئاتالغۇغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلمىگەن تەقدىردىمۇ سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان مللىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىنى ھېمايە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «بىرلەشمە قىسىمدىكى تەرەپلەردىن ‹مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر› گە ئېنىق تەبىر بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق، بىراق ھازىرغىچە جاۋاب ئالالمىدۇق» دېدى.
بۇ جەرياندا، ئىران ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەشتە لىۋان ئارمىيەسىگە ھەربىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر