ئەسەد ئەسكەرلىرى ھەلەپنى بومباردىمان قىلدى

ھەلەپتىكى ۋارىل بومبا ھۇجۇمىدا 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

146687
ئەسەد ئەسكەرلىرى ھەلەپنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەپتىكى ۋارىل بومبا ھۇجۇمىدا 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ھەلەپتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىرولۇققىدىكى ھەيدەرىيە ۋە شەيىخ پارىس رايونلىرىغا ۋارىل بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى. بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل ۋە دۇككانلار ۋەيران بولدى.
يارىدارلار خەلق ئاپتوموبىللىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن جېدىر دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئەسەد ئەسكەرلىرىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچارلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلارغا قىلىۋاتقان ھۇجىمىنى كۈچەيتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر