«ئىسلامغا قارشى جىنايەتلەر رەسمىي تىزىمغا ئېلىنسۇن»

گېرمانىيەدە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايەتلىرىنىڭ رەسمىي تىزىمغا ئېلىنىشىدىكى يېتەرسىزلىكلەر مۇسۇلمانلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

142157
«ئىسلامغا قارشى جىنايەتلەر رەسمىي تىزىمغا ئېلىنسۇن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يولدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغان ئىسلام توپلۇقى مىللىي گۆرۈش باش كاتىپى مۇستاپا يەنەرئوغلۇ، «ئىسلامغا قارشى جىنايەتلەر رەسمىي تىزىملىكلەرگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك» دېگەن نام ئاستىدا باشلىغان تۋىتتېردىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، سىياسەتچىلەرنىڭ ھازىرغىچە تۇتۇپ كەلگەن پوزىتسىيەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

يەنەرئوغلۇ، «گېرمانىيەدە سىياسىي غەرەزلىك جىنايەتلەر، دېگەن نام ئاستىدا يەھۇدىي دۈشمەنلىكى، جىنسىي ماھىيەتلىك جىنايەتلەر ۋە ئىرقچىلىققا تەۋە جىنايەتلەر تىزىمغا ئېلىنىپ، ئايرىم – ئايرىم ئىستاتىستىكا قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلامغا قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئىستاتىستىكىسى يوقتۇر» دېدى ۋە تەلەپلىرىگە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە جامەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، كېرەكلىك چارە – تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.

دىنىي ئىشلار تۈرك ئىسلام بىرلىكى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بەكىر ئالبوغامۇ، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ مەخسۇس بىر كاتېگورىيەدە تىزىمغا ئېلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى چاقىرىلغان يىغىنلىرىدا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئالبوغا، گېرمانىيەنىڭ بالدۇرراق بۇ جىنايەتلەرنى مۇناسىپ بىر كاتېگورىيەدە تىزىملىككە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر