ئى ش ئى د نىڭ تېلئەبيادتىكى قارارگاھى بومباردىمان قىلىندى
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ تېلئەبياد رايونىدىكى ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى قارارگاھلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
142040
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) نىڭ سۇرىيەنىڭ راققە شەھىرىگە قاراشلىق تېلئەبياد ناھىيەسىدىكى مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرى ۋە ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى قارارگاھى جايلاشقان ئورۇنلار بومباردىمان قىلىنغان.
ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندىن كۆتۈرۈلگەن ئىس – تۈتەكلەر تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدىنمۇ كۆرۈندى.