غەززە شېھىتلىرى ئالاھىدە خاتىرىلەندى

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن غەززەدە «شەرەپ ۋە خاتىرىلەش» ناملىق ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

141796
غەززە شېھىتلىرى ئالاھىدە خاتىرىلەندى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن غەززەدە «شەرەپ ۋە خاتىرىلەش» ناملىق ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
ھاماس ھەرىكىتى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىمدا ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئىيۇلدا باشلىغان ۋە 51 كۈن داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلار خاتىرىلەندى. شېھىتلەرنىڭ يىقىن – يورۇقلىرىغا ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە قەددىنى تىك تۇتۇپ قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقى يۈزسىدىن شەرەپنامە بېرىلدى.
ھاماسنىڭ ھەربىي قولى بولغان ئىززىددىن ئەل قەسسام قىسىملىرىمۇ مۇراسىمدا پاراتتىن ئۆتتى.
ھاماس رەھبەرلىرىدىن مۇسىر ئەل مىسرى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋاستىلىق مۇزاكىرىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «ھازىرمۇ قولىمىزدا ئىسرائىلىيەنى شەرتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلالايدىغان ھۆججەتلەر بار» دېدى.
مۇسىر قول ئىلكىدىكى ھۆججەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ئۇ سۆزىدە، «ھاماس مۇزاكىرىلەرگە چەڭچىلەرنىڭ راكىتامىيوتلىرىنىڭ ئۇچى تېل ئاۋىۋغا توغرىلانغان ھالدا قاتنىشىدۇ. ھازىرچە بىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشىمىز غەززە شەھىرىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدۇر. يېقىندا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن يىقىپ تاشلانغان بىنالارنى قايتىدىن سېلىش باسقۇچىغا ئۆتىمىز. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر تېز سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا» دېدى.
ئىسرائىلىيە قانچىلغان يىللاردىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان غەززەگە 7 – ئىيۇلدا ھاۋا ۋە دېڭىزدىن، 17 - ئىيۇلدا بولسا، قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى. كېيىنكى چاغدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈپ، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى مىسىرنىڭ مۇرەسسەچىلىكى نەتىجىسىدە 26 – ئاۋغۇستتا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن ئاخىرىلاشتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 2157 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 11 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. ھۇجۇمدا 17200 ئۆي يىقىلدى، 73 جامە ۋە 24 مەكتەپ پۈتۈنلەي پارتلىۋېتىلدى، يەنە مىڭلىغان بىنالار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر