جون كىرباي گۇناھسىز پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى رەت قىلدى

جون كىرباي سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى"ئى شى ئى د" بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا گۇناھسىز پۇقرالارنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

140815
جون كىرباي گۇناھسىز پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جون كىرباي سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى"ئى شى ئى د" بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا گۇناھسىز پۇقرالارنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
جون كىرباي، ھازىرغا قەدەر ئۇ خەۋەرلەرگە ئالاقىدار ئىشەنچلىك ھېچ قانداق مەلۇمات كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
باياناتچى، بەش بۈرجەكلىك بىنادا ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئەرەپ بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى"ئى شى ئى د" بازىلىرىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كىرباي، ھازىرچە «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى"ئى شى ئى د" غا قارشى ئۇتۇققا ئېرىشتۇق» دېيىش قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كىرباي ھاۋا ھۇجۇملىرىدا گۇناھسىز پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك ھېچ قانداق دوكلات يوقلۇقىنى ئېيتتى.
كىرباي رايونغا تەخمىنەن 500 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەسكەرلەردىن 200 نەپرىنىڭ ئىراققا بارىدىغانلىقىنى، باغدات ۋە ئەربىلدىكى بىرلەشمە ئارمىيە مەركىزىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما قالغان 300 نەپەر ئەسكەرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر