` بىردەك قارار قىلماي تۇرۇپ، خەلىپىلىك ئېلان قىلىش جائىز ئەمەس`
ىسلام ئالىملىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى لىدىرى باغدادى توغرۇلۇق باياننامە ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ئالىملىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى لىدىرى باغدادى توغرۇلۇق باياننامە ئېلان قىلدى.
ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن 126 ئالىم، باياننامە ئېلان قىلىپ، ئىسلام ئۈممىتى بىردەك قارار قىلماي تۇرۇپ، خەلىپىلىك ئېلان قىلىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى.
باياننامىگە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، پەلەستىن، مىسىر، تۇنىس، ئىراق. سۇدان، يەمەن، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، شىۋېتسىيە، بوسنا ھەرسەك، ئىتالىيە، بېلگىيە، بۇلغارىيە، ئارگېنتىنا، كانادا، ھىندىستان، خىتاي، مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە نىگېرىيەدىن 126 ئالىم ئىمزا قويدى.
ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى لىدىرى ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىگە خىتابەن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە، «ئىسلام ئۈممىتى بىردەك قارار قىلماي تۇرۇپ، خەلىپىلىك ئېلان قىلىش جائىز ئەمەس» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.