خىتاينىڭ قىيىن - قىستاق ئەسۋابلىرى ئالاھىدە بازار تاپماقتا

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان قىيىن – قىستاق ئەسۋابلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بارغانچە كۈچلۈك بازار تېپىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

137812
خىتاينىڭ قىيىن - قىستاق ئەسۋابلىرى ئالاھىدە بازار تاپماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا يېقىنقى 10 يىلدا قىيىن – قىستاقلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر سانى 4 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سودا ھەجمىنىڭ بولسا، مىليونلارچە دوللارغا يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

تەرەققىي قىلغان بەزى دۆلەتلەردىن سىرت ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى دىكتاتور تۈزۈملەر ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش بىلەن نام چىقارغان ئەللەرنىڭ بۇ خىل ئەسۋابلارنىڭ ئالاھىدە خېرىدارلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا؛ مىسىر، گانا، سېنېگال، كامبودژا ۋە نېپال مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن. توك بىلەن قىيناش ئەسۋابلىرى، ھەر خىل كالتەكلەر ۋە ئېغىر ئىشكەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسۋابلارنىڭ سېتىلىش نىسبىتىنىڭ خۇسۇسەن ئەرەب باھارى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئەللەردىكى نامايىشلاردىن كېيىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

بەزى قىيىن – قىستاق ئەسۋابلىرىنىڭ بىردىنبىر ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان خىتاي، قانۇنلۇق ھالدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن پىلاستىك ئوق ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى دۇنيا مىقياسىدا ھەق – ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا تۆھپە قوشىدىغان بۇ خىل ئەسۋابلارنى سېتىشنى توختىتىشقا چاقىرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر