نۇرغۇن سۈرىيەلىك قوشنا دۆلەتلەرگە قاچماقتا

سۈرىيەلىكلەر يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

134397
نۇرغۇن سۈرىيەلىك قوشنا دۆلەتلەرگە قاچماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىلەن سۈرىيەدە تەھدېت بولۇپ شەكىللىنىۋاتقان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى سەۋەبلىك، سۈرىيەلىكلەر قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىئوردانىيەدە قۇرۇلغان مۇساپىرلار لاگېرىغا بارغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى 600مىڭدىن ئاشتى.
ئىئوردانىيە ساقچىلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىئوردانىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 11 ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئويلىمايدىغان كىشى ۋە گۇرۇھلارغا قىيىن-قىستاق قىلىپ ئۆلتۈرمەكتە.
سۈرىيەلىكلەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مىلىتانلىرى بىلەن پاراڭلىشىشتىنمۇ قورقىدۇ.ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئىئوردانىيە چېگرىسىغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا قارىتا، ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتى چېگرىغا ئەسكەر توپلاپ كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر