ب د ت: ئېبولا ۋىرۇسى تەھدىت سالماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىى جاكارلىدى.

132040
ب د ت: ئېبولا ۋىرۇسى تەھدىت سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىى جاكارلىدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلىنغان قاراردا، ئەزا دۆلەتلەرگە جىددىي ياردەم بېرىلىشى ۋە مەبلەغ توپلىنىشى چاقىرىق قىلىندى.
قاراردا، ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا، ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلار سانىنىڭ ھەر 3 ھەپتىدە 2 ھەسسە ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدا ئالاھىدە بىر بۆلۈم تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بان كىمون، بۆلۈم مەركىزىنىڭ، ۋىرۇس كەڭ تارقالغان گىۋىنىيە، لىبېرىيە ۋە سېررالېئون سىرتىدىكى بىر دۆلەتتە ئېچىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ 3 دۆلەتتە ۋەكالەتخانا تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
فىرانسىيەمۇ رايوندا بىر ھەربىي دوختۇرخانا تەسىس قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 3 ئاي ئىچىدە رايونغا 3 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە 17 ساغلاملىق مەركىزى ئېچىشقا تەييارلانماقتا؛ كۇبا، خىتاي، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا سەھىيە خادىملىرى ۋە تىببىي ماتېرىيال جەھەتتىن ھەسسە قوشۇشنى پىلانلىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر