پوروشېنكو ئامېرىكىدىن قورال - ياراغ تەلەپ قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن قورال - ياراغ تەلەپ قىلدى.

132047
پوروشېنكو ئامېرىكىدىن قورال - ياراغ تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن قورال - ياراغ تەلەپ قىلدى.
پوروشېنكو، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى قوللىرىدىكى ئەسكى - تۈسكى قورال - ياراغلار بىلەن ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
پوروشېنكو، ئەجەللىك قورال ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولمىغان ئامېرىكىنىڭ ياردىمى توغرۇلۇق توختىلىپ، «ئەدىيال ۋە كېچىلىك دۇربۇنلارمۇ مۇھىم، ئەمما ئەدىيال بىلەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.
پوروشېنكو، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىدە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە سالاھىيەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنىڭ، ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پوروشېنكو، قىرىمنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن ئۆز ئالدىغىلا ئىشغال قىلىنىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر