ئىراقتا ئۇرۇش داۋام قىلماقتا

ئىراقتا پەشمەرگە ۋە ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئارىسىدا ئۇرۇش داۋام قىلماقتا.

129153
ئىراقتا ئۇرۇش داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ئەتراپىدىكى دۇبىز ھاۋىس تاشيولىدا پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قىسىم) قىسىملىرى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى مۇساپە 50 مېتىرغىچە يېقىنلاشتى. ئۆستەڭنىڭ قارشى تەرىپى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قولىدا. پەشمەرگە قىسىملىرى ئەربىل بىلەن مۇسۇل ئارىسىدىكى ناھىيەلەردە ئالغا ئىلگىرىلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ نۇقتىلىرىنى توختىماي بومباردىمان قىلدى. باغدادنىڭ غەربىي جەنۇبىي بىلەن ئەربىلنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا بەش قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلىندى. پەشمەرگە ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن قۇرۇقلۇقتىن ئىلگىرىلەپ، 10 يېزىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېزىلاردا نۇرغۇنلىغان قورال ۋە قورال ئىسكىلاتلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ چېكىنگەندە كۆمۈپ قويغان مىنالار سەۋەبىدىن پەشمەرگە قىسمىنىڭ ئاستا ئىلگىرىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پەشمەرگە قىسمىنىڭ ھاۋىس ناھىيەسىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر