سۈرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنى بومباردىمان قىلماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا بومبا ياغدۇردى.

128963
سۈرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنى بومباردىمان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئەڭ ئاز دېگەندە 48 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بومباردىماندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارمۇ بار ئىكەن.
بومباردىماندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. سۈرىيەدە ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا 190 مىڭ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلارچە ئادەم ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇستەقىل سۈرىيە تەتقىقات كومىتېتى، سۈرىيەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم – يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە بەششار ئەسەدنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر