خىتاي، ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغان 4 ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات بەردى

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي بۈگۈن (چارشەنبە) كى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغان 4 كىشى ھەققىدە توختالدى.

377594
خىتاي، ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغان 4 ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي بۈگۈن (چارشەنبە) بايانات بېرىپ، خىتاي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دىن ئىبارەت تېررورلۇق تەشكىلاتقا قارشى كۈرىشىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

خوڭ لېي بۇ سۆزلەرنى ھىندونېزىيە ساقچىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ھەپتە ئاخىرىدا تۆت ئۇيغۇرنى تۇتۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن ئېيتتى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساقچىلار مەزكۇر تۆت كىشىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار - يوقلۇقىنىڭ تەكشۈرۈلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

باياناتچى خوڭ لېي، خىتاينىڭ بۇ خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى دەلىللەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى يوقىتىش كۈرىشىگە كەلسەك، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى يالغۇز خىتاي تەۋەلىكىدىلا تېررورلۇق ھەرىكىتى سادىر قىلمايدۇ، ئۇ باشقا ئەللەردىكى تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ھەم رايون ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر