20 بالا ۋاكسېنا ئۇرۇلۇپ 15 مىنۇت ئىچىدە ئۆلۈپ كەتتى

سۇرىيەدە ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى بىلەن خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە ۋاكسېنا ئۇرۇلغان كۆپ ساندا بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

128813
20 بالا ۋاكسېنا ئۇرۇلۇپ 15 مىنۇت ئىچىدە ئۆلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەدە ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى بىلەن خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە ۋاكسېنا ئۇرۇلغان كەم دېگەندىمۇ 20 بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تەشكىل قىلىپ چىقىلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىنىلىشىچە، ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى بىلەن خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئىدلىبنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر يېرىم مىليون بالىغا ۋاكسېنا ئۇرۇش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە ۋاكسېنا ئۇرۇلغان 1 ياش بىلەن 5 ياش ئارىسىدىكى كەم دېگەندىمۇ 20 بالا ۋاكسېنا ئۇرۇلۇپ تەخمىنەن 15 مىنۇتتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن.

بالىلارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ تەجرىبىخانا نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى، ۋاكسېنا سېلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى توختىتىپ، كېرەكلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بېرىشىنى قارار قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر