پاپا غەلىتىلا ئۇرۇش باياناتى بەردى

پاپا فىراكېسكو ئىتالىيەدە غەلىتىلا ئۇرۇش باياناتى بەردى.

126126
پاپا غەلىتىلا ئۇرۇش باياناتى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاپا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ، قەتلىئاملارنىڭ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن 100مىڭ ئىتالىيە ئەسكىرىگە ئاتاپ سېلىنغان ھەربىي قەبرىستانلىقنى يوقلىغان پاپا فىرانكېسكو، «ئۇرۇش ساراڭلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر، دىن نامىغا ئاتاپ قىلىنغان ئۇرۇشلار ھەر ۋاقىت لەنەتلىنىشكە مەھكۇمدۇر» دېدى.
ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ، قەتلىئاملارنىڭ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان پاپا، «ئىنسانىيەت يىغلىشى كېرەك. ھازىر دەل يىغلايدىغان ۋاقىت» دېدى.
پاپا ئىراق، سۈرىيە، غەززە، ئۇكرائىنا ۋە ئافرىقىدا داۋملىشىۋاتقان قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ بۇرۇنراق توختىتىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاپا ئۆتكەن ئاي ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈچ ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر