ئى ش ئى د غا قارشى بىرلەشمىگە مىسىرمۇ قوشۇلدى

مىسىر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى شەكىللەنگەن خەلقئارا بىرلەشمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

125073
ئى ش ئى د غا قارشى بىرلەشمىگە مىسىرمۇ قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشتا مىسىرنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى خەلقئارا بىرلەشمە شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە قاھىرىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان كېررىي، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئابدۇلفەتتاھ ئەل سىسى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى نەبىل ئەل ئارابى بىلەن كۆرۈشتى.
مۇزاكىرىلەردە مىسىرنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە قانداقراق رول ئوينايدىغانلىقى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى، بىراق قانداق قارار بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
جون كېررىي مۇزاكىرىلەردىن كېيىن مىسىرلىق مەنسەبدېشى سەمىھ شۈكرى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەخمىنەن 40 دۆلەتنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى بىرلەشمىدە ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، «ھەر دۆلەتنىڭ بۇ كۈرەشتە ئوينايدىغان مۇئەييەن دەرىجىدە رولى بار» دېدى.
مىسىرنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتقان كېررىي، مىسىردىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگىمۇ سەزگۈر قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۈكرىمۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، بۇ تەشكىلاتقا قارشى خەلقئارالىق سەۋىيەدە كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شۈكرۈ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ، ئىستىخبارات ۋە ئارقا سەپ تەمىنات خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىران ئەتە پارىژدا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە ئەۋەتكەن قورال-ياراغلارنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگىتوننى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە سەممىي بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پارىژدىكى يىغىنغا ئىران بىلەن سۈرىيەنى تەكلىپ قىلمىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر