فىرانسىيە ئايرۇپىلانلىرى ئىراقتا ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغان بولدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانچۇئىس خوللاند ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى بىلەن كۆرۈشتى.

124621
فىرانسىيە ئايرۇپىلانلىرى ئىراقتا ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغان بولدى

فىرانسىيە ئايرۇپىلانلىرى ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانچۇئىس خوللاند رەسمىي ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىراقتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى بىلەن كۆرۈشتى.
خوللاند ئۇچرىشىشتىن كېيىن چاقىرغان ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئىراققا ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن ياردەم بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانچۇئىس خوللاند ئىراققا تەھدىت بولۇۋاتقان تېررورلۇققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن خەلقئارالىق يوللارنى سىناپ كۆرۈش ۋە ياردەم تىرىشچانلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
خوللاند بۇ جەھەتتە فىرانسىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ئىكەنلىنى بىلدۈردى.
خوللاند ئىراققا ياردەم قىلغان تۈنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياردەملىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولغان ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
خوللاند ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد ماسۇم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 15 – سىنتەبىر دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان خەلقئارا كېڭەشتە ئىراقنىڭ بىر پۈتۈنلىكى، ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تېررولۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ياردەم ۋە قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ھەمكارلىقى مەسلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر