شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى باشلاندى

يىغىنىدا ئېنېرىگىيە، ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقى، خەۋپسىزلىك ۋە تېررولۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

123408
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى باشلاندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنى باشلاندى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پىرېزىدېنتلار كېڭىشى 14 – نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە باشلاندى.
نەۋرۇز سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا رۇسىيە، خىتاي، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، قازىقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، ئىران، ئافغانىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ.
ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئېنېرىگىيە، ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقى، خەۋپسىزلىك ۋە تېررولۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
يىغىندا كۈزەتكۈچى دۆلەتلەردىن ھىندىستان، ئىران ۋە پاكىستاننىڭ تەشكىتلاتقا ئەزا بولۇش مەسلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بېيجىڭدا 2012 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا دىيالوگ شىرىكى بولۇپ قاتناشقان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر