يەمەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

يەمەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 31 ئادەم ئۆلدى.

122296
يەمەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ مارىب شەھىرىدە توقۇنۇش مەيدانغا كېلىپ 31 ئادەم ئۆلدى.
دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن ھۇسى ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 4 ئادەم يارىلاندى. ئىگىلىنىشىچە، مىلىتانلار شەھەرنىڭ ئارمىيەنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى سا ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئەسكەر ئۆلگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، يەمەن ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، مارىبنىڭ مەجزەر ناھىيەسىدىكى ھۇسى بازىلىرىغا 3 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر