رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ياۋروپادا بۆلۈنۈش پەيدا قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى سېپىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى يۈزىسىدىن رۇسىيەگە قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگولارنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا بۆلۈنۈش مەيدانغا كەلدى.

121440
رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ياۋروپادا بۆلۈنۈش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىرىپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە بانكىچىلىك ساھەسىگە قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. گېرمانىيە ئېمبارگولارنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان مەزكۇر يىغىندا، باشقا بەزى ئەزا دۆلەتلەر ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھالدا، ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم مەزگىل كۈتۈپ تۇرۇش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنمىدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە، فىنلاندىيەگە ئوخشاش ئەللەرنىڭ يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە دېگەندەك قىزغىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىشماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، باش ئەلچىلەر بۈگۈن قايتىدىن يىغىن چاقىرىپ، ئېمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مەسىلىسىگە دائىر قارار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گازپروم نېفت، روسنېفېت، ترانسنېت دېگەنگە ئوخشاش نېفىت شىركەتلىرى بىلەن مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلار ۋە شەخسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چەكلەيدىغان يېڭى ئېمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنالىشى ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

رۇسىيەمۇ ئېمبارگولارغا قارشى تەبىئىي گاز كوزىرىنى ئىشلىتىپ قارشىلىق بىلدۈرمەكتە. پولشا رۇسىيەدىن كېلىدىغان گازنىڭ %20 ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. گېرمانىيەگە ئەۋەتىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر