خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر 1280 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولغان كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سان – سىفىرلارنى ئېلان قىلدى.

120787
خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر 1280 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاۋغۇست ئېيىدا 563 مىڭ 589 ئادەمدە يۇقۇملۇق كېسەللىك بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
كومىتېتنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 304 مىڭ 895 ئادەمدە جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە سىلى (تۇبېركۇليوزى) ۋە سىفىلىس قاتارلىق ب تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بايقالغان ۋە بۇلاردىن 249 ئادەم ئۆلگەن. يۇقۇمچان ئىچى سۈرۈش، پۇت ۋە ئېغىز كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن 31 ئادەم ئۆلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر