ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟

ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشقا زىت قىلمىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

119584
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشقا زىت ھالدا سادىر بولغان قىلمىشلارنىڭ ئەكسىچە داۋاملاشماقتا.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، مارىپول شەھرىنى زىيارەت قىلدى. پوروشېنكو بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، رۇسىيە تەراپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ 1200 ئۇكرائىنالىق ئەسىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. رايوندا رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان پوروشېنكو، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە زىت قىلمىشلار سادىر بولغان رايوانلارغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەر بولسا دونېتسك رايونىدا ناتسىت ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىلىدا ھەربىي ماشىنىلار بىلەن ھەيۋە كۆرسىتىشتى. توقۇنۇشلار سەۋەبلىك رايوننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئاھالىلەر ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى بىلەن قايتىپ كېلىشكە باشلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۇكرائىنا كىرزىسى سەۋەبلىك، رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. رۇس نىفېت ۋە تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنى نىشان قىلغان ئېمبارگولار، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى رۇس نىفېت شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا مەبلەغ توپلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىراق ئىقتىسادى ئېمبارگو لايىھەسى ئۇرۇش توختىتىش سەۋەبلىك كىچىكتۈرۈلدى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە زىت قىلمىشلار سادىر بولغاندا، يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر