ئافغانىستاندا پىرېزىدېتنلىق سايلىمى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى

ئافغانىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

119426
ئافغانىستاندا پىرېزىدېتنلىق سايلىمى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپرېل ئېيىدا نامزاتلاردىن ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئەشرەف غەنى ئاھمەتزاي ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، 14-ئىيۇندا سايلاملارنىڭ 2-باسقۇچى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
8 مىليون ئارتۇق ئاۋاز بېلىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا قايتىدىن سانالغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رەسمىي نەتىجىلەر ئېلان قىلىنىدۇ. ئىككى نامزات مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇش توغرىسىدا بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشكەن ئىدى. بىراق تۈنۈگۈن دۈشەنبە كۈنى ئۆز-ئارا كۆرۈشكەن ئاھمەتزايى بىلەن ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى.
ئاپرېل ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى سايلامدىمۇ ئۆزۈنىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابدۇللاھ، رەقىبى سابىق پۇل-مۇئامىلە مىنىستىرى ئەشرەف غەنى ئاھمەتزايىنىڭ سايلام نەتىجىلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئارىلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پاراللىل دۆلەت قۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، ئاخىرقى باياناتىدا تېخىمۇ مۆتىدىل ھەرىكەت قىلىپ، ھازىرقى مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا، سەيشەنبە كۈنى ھەر ئىككى رەھبەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، بۇرۇنراق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئافغانىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى بۇ بوشلۇق، ئافغانىستاندا ئېتنىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىش ۋە 1990-يىلدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ قايتىدىن پارتلاش ئەندىشىسىنى بارغانچە كۈچەيمەكتە.
چۈنكى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھنى تاجىكلەر بىلەن ھازارلار قوللايدۇ، غەنىنى بولسا ئافغانىستان نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان پەشتۇنلار قوللايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر