جون كېررىي ئىئوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدۇ

ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئىئوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدۇ.

119447
جون كېررىي ئىئوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كىررىي، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدېتىگە قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىئوردانىيەۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدۇ.
ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىدا جون كېررىينىڭ رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. كېررىينىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدېتىگە قارشى كۈرەش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جېن پىساكى، جون كېررىينىڭ ئىئوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر