جىددە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش چوڭ يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

11- سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۈركىيە، ئامېرىكا، مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا ئەللەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

119876
جىددە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش چوڭ يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە تۈركىيە، ئامېرىكا، مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا ئەللەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش يىغىنى چاقىرىلىدىكەن.

خەۋەردە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ساھىبخانلىق قىلىدىغان يىغىندا رايوندىكى تېررورلۇق مەسىلىسى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى رادىكال تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەش قىلىش يوللىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى پەيدا قىلغان تەھدىتكە قارشى كۈرەش قىلىش تىرىشچانلىقلىرى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۈگۈن ئىيوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر