ا ئى ش ئى د گە زەربە بېرىش ئسىتىراتېگىيەسى تەييارلاندى

ئامېرىكا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئىستىراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

117696
ا ئى ش ئى د گە زەربە بېرىش ئسىتىراتېگىيەسى تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تەشكىلاتقا زەربە بېرىش ئىستىراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
NBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەزكۇر ئىستىراتېگىيەنىڭ رايونغا ئامېرىكا ئەسكىرى ئەۋەتىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان باراك ئوباما، بۇ ھەقتىكى قاراشلارنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىستىراتېگىيەسىدە ھەربىي ئامىللاردىن باشقا، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئامىللارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتقان ئوباما، يېقىندا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مەغلۇپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئامېرىكا مەجلىسىدىن تىگىشلىك ھوقۇقنى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنىى، شۇنداقلا تەشكىلاتقا زەربە بېرىش ئەسناسىدا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردەملىرىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى. پىرېزىدېت باراك ئوباما بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىشتىكى رولىنىڭ ئىنتايىن زور بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىلىق مۇخبىر جېميىس فولېينىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن كاللىسى ئېلىنغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئوبامانىڭ، يىغىندىن كېيىنلا پەي توپ ئوينىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر