ئوكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دەپسەندە قىلىندىمۇ؟

ئوكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندىمۇ؟

116880
ئوكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دەپسەندە قىلىندىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئىككى كۈن بولدى. بىراق بەزى رايونلاردا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە تەھدېت سالماقتا.
توقۇنۇشلار كېچىچە مارىپول شەھرى ئەتراپىغا مەركەزلەشتى. توقۇنۇشلاردىن كېيىن شەھەردىكى بىر نىفېت ئىستانىسىسىدا پارتلاش يۈز بەردى. ئارىدىن بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن توقۇنۇشلارنىڭ ئورنىغا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
باشقا رايونلاردىمۇ كېچىدە پات-پات ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئەتىگەن تەرەپلەردە دونېتسكتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئايرۇدۇرۇم ئەتراپىدا شىددەتلىك پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى. پارتلاشنىڭ رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر