پەشمەرگەنىڭ ئ ش ئ د نى تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) كۈچلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

116454
پەشمەرگەنىڭ ئ ش ئ د نى تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ بەشىكا ناھىيەسىدە پەشمەرگە (كورد ئەسكەرلىرى) نىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) مىلىتانلىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ياردەم بەرگەن پەشمەرگە كۈچلىرى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى. شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن مۇسۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى زەرتىكە تاغ تىزمىلىرى جايلاشقان رايوننى قولغا كىرگۈزگەن پەشمەرگە، بەشىكا ناھىيەسىنىڭ ئەتراتپىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنى تازىلىدى.

پەشمەرگە 7- دېۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك بارام ئابدۇللاھ توقۇنۇشلاردا 25 ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 4 مىلىتاننىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «قولىمىزدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېررورچىلار تالاپەتكە ئۇچرىماقتا ۋە چېكىنمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت ئۆز ئالدىنقى سېپىدىمۇ بۆلۈنۈش بارلىقىنى ئېيتىشىم مۇمكىن» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر