ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئۈمىدى...

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە

114439
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئۈمىدى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئۈمىدى...
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.
مىنىسىكتە چاقىرىلىدىغان ئۇچرىشىشلارغا رۇسىيە بىلەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى خەۋەر قىلىنماقتا.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈمىدى بىلەن يىغىن باشلىنىغان پەيتتە ئۇرۇش توختىتىش يوليورۇقى چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
بۆلگۈنچىلەر بولسا، مۇزاكىرە مەسىلىسىگە سوغۇققانلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇپ، مىنىسكتە كىرىزىسنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئۇچرىشىشلار ھارپىسىدا پورت شەھەر مارىئۇپول توقۇنۇشلارغا سەھنە بولدى.
رۇسپەرەسلەر شەھەرگە كىرىشكە ئۇرۇنغان بىر پەيتتە، ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى بىلەن كۆپ ساندا پارتلاش مەيدانغا كەلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر