ئامېرىكا ئى ش ئى د قا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئى ش ئى د قا قارشى ئادداقچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

113916
ئامېرىكا ئى ش ئى د قا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۆرۈگە ئېلىۋالغان يەنە بىر ئامېرىكىلىق مۇخبىرنى ئۆلتۈرگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا نارازىلىق كۈچەيمەكتە.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئامېرىكىلىق مۇخبىرنىڭ قەتلى قىلىنغانلىق كۆرۈنۈشلىرىنىڭ «ئىسلامنىڭ ھەققىي يۈزىنى» ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جون بايدىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى «دوزاخنىڭ ئىشىكىگىچە» قوغلاپ ماڭىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
بايدىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇلار ئامېرىكا خەلقىنى قورقىتىمىز دەپ خام خىيال قىلمىسۇن، ئۇلار بىزنى تېخى تونۇيالماپتۇ» دېدى. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېل، ئامېرىكىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى بېسىقتۇرۇش ئەمەس، بەلكى يوق قىلىش نىشانىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي جەھەتتىن زەربە بېرىشنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرۇن بولسا گۆرۈگە ئېلىنغان ئەنگلىيە پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدېت سالغان تەشكىلاتقا دەرھال جاۋاب قايتۇردى. كامېرۇن «ئۇلارنىڭ تەھدېتلىرىدىن قەتئىي قورقۇپ قالمايمىز، ئۇلار شۇ نەرسىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەككى، تېررورىزىم ئۈستىدىن غەلبە قىلىش نىشانىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر