سامسۇڭ، Galaxy Note 4 قاتارلىق بىر يۈرۈش مەھسۇلاتىنى تونۇتتى

سامسۇڭ گېرمانىيەدە يېڭى تېخنېلوگىيە مەھسۇلاتلىرىدىن Galaxy Note Edge بىلەن Galaxy Note 4 نى تونۇتتى.

113241
سامسۇڭ، Galaxy Note 4 قاتارلىق بىر يۈرۈش مەھسۇلاتىنى تونۇتتى

سامسۇڭ يېڭى تېخنېلوگىيە مەھسۇلاتلىرىدىن Galaxy Note Edge بىلەن Galaxy Note 4 نى تونۇتتى.

سامسۇڭ، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە «Samsung Unpacked 2014» نامى ئاستىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، يېڭىدىن ئىشلەپچىقارغان Galaxy Note Edge ۋە Galaxy Note 4 نى تونۇتتى.

ئۆكتەبىر ئېيىدا بازارغا سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان يېڭى Galaxy Note 4 قارا، ئاق، ئالتۇن ۋە ھال رەڭلەردە چىقىدىكەن. تېرىگە ئوخشاش كېتىدىغان ئارقا قاپ ۋە مېتال رامكىغا ئىگە Galaxy Note 4، Galaxy S 5 تىكىگە ئوخشاش بارماق ئىزى ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

يېڭى ئەۋلاد ئېكران تېخنىكىسى ۋە بۆكۈلمە ئېكرانى بىلەن دىققەتلەرنى تارتقان Galaxy Note Edge بولسا، تېخىمۇ پەرقلىق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى سۇنىدىكەن. پائالىيەتتە، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئېسىل بازارلاردا سېتىشقا سۇنىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، قايسى دۆلەتلەردە سېتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانمىدى.

ئىككى ئەقىللىق تېلېفون بىراقلا تونۇتۇلغان پائالىيەتتە، تېلېفونلاردىن سىرت سامسۇڭنىڭ كۆزئەينكى Gear VR، ئەقىللىق سائىتى Gear S ۋە ئەقىللىق قەلىمى S Pen مۇ تۇنجى قېتىم تونۇتۇلدى.

مەزكۇر مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىغا دائىر ئۇچۇر بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر