جەنۇبىي ئافرىقا، دالاي لامانىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تىبەت رۇھانىي لىدىرى دالاي لامانىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.

114036
جەنۇبىي ئافرىقا، دالاي لامانىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىبەتنىڭ رۇھانىي لىدىرى دالاي لاما 14- نۆۋەتلىك دۇنيا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بېرىشنى پىلانلاۋاتقان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىن ۋىزا ئالالمىدى.

دالاي لامانىڭ باياناتچىسى ناڭسا چوئېدون، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تېلېفون ئېلىپ، ۋىزا تەلەپلىرىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن، دالاي لامانىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن باياناتتا بولسا، تىبەتنىڭ رۇھانى لىدىرىنىڭ ھىندىستاندىكى ئىشخانىسىدىن دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇچۇرنىڭ، ھىندىستاندىكى جەنۇبىي ئافرىقا ئالىي كومىتېتىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئەسنادا يوللانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «زىيارەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن كېيىن، مىنىستىرلىقىمىز مەسىلىنى ئاخىرلاشتى، دەپ قارىدى» دېيىلدى.

دالاي لاما ئالدىمىزدىكى ئاي جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان 14- نۆۋەتلىك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشنى ئويلىشىۋاتاتتى.

جەنۇبىي ئافرىقا دائىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ دالاي لامانىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغانىدى.

تىبەتكە تېخىمۇ كەڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كۈرەش قىلىۋاتقان دالاي لاما، 1959- يىلىدىن بۇيان سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن <بۆلگۈنچى> دەپ قارىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر