خىتاي، زەھەرلىك كاپسۇلا ئىشلەپچىقارغان بىر گوروھقا زەربە بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، 90 مىليون زەھەرلىك دورا كاپسۇلىسىنى بازارغا سالغان بىر قارا گوروھقا زەربە بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

112576
خىتاي، زەھەرلىك كاپسۇلا ئىشلەپچىقارغان بىر گوروھقا زەربە بەردى

خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جېجىياڭ ئۆلكىسىدە تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بار 90 مىليون دورا كاپسۇلىسىنى بازارغا سالغان 11 كىشى قولغا ئېلىندى.

يېمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بىرلىكتە جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭخەي شەھىرىدە ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىچ قىسمى بوش دورا كاپسۇلىسى ئىشلەپچىقارغان بىر گوروھقا زەربە بەردى. زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە 440 مىڭ دورا كاپسۇلىسى ۋە 800 كىلوگىرام كاپسۇلا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە – كېرەكنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر قارا گوروھنىڭ نىڭخەي شەھىرىدە فېۋرال ئېيىدىن بۇيان تەركىپىدە نورمال سەۋىيەدىن يۇقىرى كروم بار بولغان سۈنئىي يىلىم ئىشلىتىپ دورا كاپسۇلىسى ئىشلەپچىقارغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئالاقىدار مەسئۇللار، ھازىرغىچە ئىشلەپچىقىرىلغان 90 مىليون زەھەرلىك دورا كاپسۇلىسىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دورا كاپسۇلىلىرى ئادەتتە ھەزم قىلىش سىستېمىسىدا ئېرىپ كېتىدىغان يىلىملاردىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر