بان كىمۇن، ئ ش ئ د نىڭ سوتلوفنى ئۆلتۈرۈشىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇن ئامېرىكىلىق مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلىدى.

112654
بان كىمۇن، ئ ش ئ د نىڭ سوتلوفنى ئۆلتۈرۈشىنى ئەيىبلىدى

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) تەشكىلاتىنىڭ قولىدىكى ئىككىنچى بىر ئامېرىكىلىق مۇخبىر ستېۋېن سوتلوفنىمۇ ئۆلتۈرۈپ تاشلىشىنى ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلىدى.

بان كىمۇن، تەشكىلاتنىڭ پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشى ئالدىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا نەپرەت پەيدا قىلغۇچى ئەھۋاللار، دەپ باھا بەرگەن بان كىمۇن، دىنىي رەھبەرلەردىن كەڭ قورساق بولۇشنى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىشنى قوللاشنى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر